ياۋروپادا سېتىۋالغان كومپيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى

فرانسىيەدە سېتىۋالغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە AZERTY (يەنى ياۋروپادا ئىشلىتىدىغان كونۇپكا تاختىسى) كونۇپكا سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر بىر كونۇپكىنىڭ QWERTY كونۇپكىدىكى ئۇيغۇرچىغا ماس ئورنىنى يادلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ كونۇپكىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى يېزىپ چاپلىغىنىنىمۇ كۆرۈپ ئۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن AZERTY كونۇپكىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ قويدۇم. بۇنى فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە … قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان Windows مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان AZERTY كونۇپكىلىق كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار قاچىلاپ ئىشلەتسە قولايلىق. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسمىدە كۆرسىتىلگەننى تاللاپ قوشۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ AZERTY كونۇپكىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى    

داۋامى

فرانسىيەگە يەرلىشىشنىڭ يوللىرى

فرانسىيەگە يەرلىشىشنىڭ يوللىرى

فرانسىيەگە يەرلىشىشنىڭ يوللىرى كۆپ خىل (فرانسىيەدە تۇغۇلۇش، فرانسىيە گراژدانلىقى بار كىشى بىلەن توي قىلىش، سىياسىي پاناھلىق تىلەش، ئوقۇۋېتىپ ياكى ئىشلەۋېتىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گراژدانلىقنى ئىلتىماس قىلىش …) بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ تېز ھەم ئىقتىسادچىل تاللاش: ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن گراژدانلىقنى ئىلتىماس قىلىش. ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالدىنقى شەرتلەر: 1. فرانسىيە قانۇنلۇق تۇرغان ۋاقتى ئىككى يىلغا توشقان بولۇش؛ 2. فرانسىيەدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ Master 1 ،Master 2 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دىپلوم ئالالىغان بولۇش. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز ياكى فرانسىيەدە تۇرغان ۋاقتىڭىز 5 يىلغا توشقان بولسا (بۇ ئەھۋالدا يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىمىسىمۇ بولىدۇ) ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق…

داۋامى